باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئورۇن باسار دۆلەت ئۇسۇلىنىڭ ۋاقتى 11-دېكابىر توشىدۇ

2016.11.14 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەنە بىر ئايدىن كېيىن، «جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئەھدىنامىسى»نىڭ قىسمەن ماددىلىرىنىڭ ۋاقتى توشىدۇ. شۇ چاغدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگوغا قاراتقان تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى ئورۇن باسار دۆلەت ئۇسۇلىنى توختىتىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى 9-نويابىر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە تۇنجى قەدەم باستى، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ سودا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

  جۇڭگو 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىردى، لېكىن قىسىم ئەزالار جۇڭگو بازار ئىگىلىكى گەۋدىسى ئەمەس، جۇڭگونىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى باشقا بازار ئىگىلىكى دۆلەتلىرىدە ئادىل بولمىغان باھا ئۈستۈنلۈكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇڭا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇش ئىشلىرىنى تەكشۈرگەندە 3-دۆلەتنىڭ باھاسى پايدىلىنىدىغان ئورۇنباسار دۆلەت ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، دەپ قارىدى. جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئورۇن باسار دۆلەت ئۇسۇلىنىڭ ۋاقتى 11-دېكابىر توشىدۇ.

  15 يىلدىن بۇيان، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، شىۋېيتسارىيە قاتارلىق دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 80 نەچچە ئەزاسى جۇڭگوغا ئورۇنباسار دۆلەت ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىن ۋاز كەچتى. لېكىن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر يەنىلا بۇنىڭدا چىڭ تۇردى ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى قارىشى تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئۆتكۈنچى مەزگىل ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يېڭى چارە قوللىنىپ ئۆز كەسىپلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلدى.

  بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىشقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەشەببۇسى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇشنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇشقا تولۇقلىما بېرىشنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە چېتىلىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇنداق تەكلىپ بەردى: كەلگۈسىدە تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇشنى تەكشۈرۈشتە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئورۇن باسار دۆلەت ئۇسۇلىنى قوللانماسلىقى كېرەك. لېكىن بازار باھاسىغا ئارىلىشىشتا قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقان دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىغا نىسبەتەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يەنىلا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇشنى تەكشۈرۈش داۋامىدا 3-دۆلەتنىڭ باھاسىدىن پايدىلىنىدۇ.

  مەلۇم بىر دۆلەت ياكى مەلۇم بىر كەسىپتە ساقلىنىۋاتقان قوش ئۆلچەمنى بېكىتىشتىكى پايدىلىنىش ئۆلچىمى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ھۆكۈمەت سىياسىتى بىلەن تەسىر كۈچى، دۆلەت كارخانىلىرى نىسبىتى، ئۆز زىمىنىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئېتىبار تولۇقلىمىغا ئېرىشكەن ئېرىشمىگەنلىكى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى قاتارلىقلار.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى بىر تۈرلۈك قانۇن چىقىرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، يەنە ياۋروپا كېڭىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى تەستىقلاپ ماقۇللىشىغا توغرا كېلىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سودا مىنىستىرلىرى يىغىنى 11-نويابىر بۇ تەشەببۇسنى مۇزاكىرە قىلدى.

  بۇ قانۇن چىقىرىشقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش- ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ يوق؟ بۇ ھەقتە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سودا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مارمۇستېلۇن مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسى ھەرقانداق دۆلەتكە بازار ئىگىلىكى ئورنى بەرمەيدۇ ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سودىدا قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇشتىكى يېڭى ھېسابلاش ئۇسۇلىدا ئاتالمىش دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى پەيدا قىلغان بازار باھاسىدىكى قوش ئۆلچەم ئويلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئەڭ يېڭى مىساللار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ باھاسىنى بېكىتىش ھەرىكىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلقئارا باھا ئارقىلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرخىنى بېكىتىش ھەرىكىتى بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇندىن بۇرۇن ئارگېنتىنا بىلەن بىيو دىزېل مېيىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇش تەدبىرى ھەققىدە ماجىرالاشتى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇش تەكشۈرۈشى داۋامىدا ئارگېنتىنانىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقارغان دىزېل مېيى ئاساسىي ماتېرىيالى بولغان دادۇر باھاسىدە قوش ئۆلچەم بارلىقى، خەلقئارا بازاردىكى باھادىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئارگېنتىنادىكى دادۇر باھاسىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلدى ھەمدە خەلقئارا باھانى ئىشلىتىپ ئارگېنتىنانىڭ دىزېل مېيى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ھېسابلىدى.

  6-ئۆكتەبىر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىغا ئەرز قىلىش ئورگىنى ئارگېنتىنانىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىيو دىزېل مېيىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇش تەدبىر لايىھەسى ئەرزى ھەققىدە كېسىم چىقىرىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ خاتىرىسىنى ئاساس قىلىپ ھېسابلىماي، مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ئارگېنتىنانىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئىشلەتمەي، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ «تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇش كېلىشىمى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلدى.

  جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن ئىدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېسىمى « تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇش كېلىشىمى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، جۇڭگو 3-تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ دېلودىكى تەشەببۇسى تامامەن بىردەك.

  دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قانۇن نىزاملىرىنى پىششىق بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ دېلودىكى كېسىم جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە خەلقئارا سودىنى قانات يايدۇرۇشىدا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن كېيىن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاھىدە بازار ئەھۋالىنى باھانە قىلىپ، تاشقى پايدىلىنىش باھاسىنى ئىشلىتىدۇ، ئورۇن باسار دۆلەتلەر ئۆلچىمىگە جان كىرگۈزىدۇ. ئارگېنتىنانىڭ ئەرزدە غەلىبە قىلىشى بىر مۇھىم مىسال، جۇڭگوغا ۋاكالىتەن مۇشۇنداق قائىدە يوچۇقلىرىنى ئەتسە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر