باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇزۇن سەپەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭراتقان

2016.10.26 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەچچە يۆنىلىشتىكى قىزىل ئارمىيە 1935-يىلى 5-ئايدىن 1936-يىلى 8-ئايغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سىچۈەننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئابا رايونىدىن ئۆتكەن، تۇرغاندا، شۇ جايدىكى زاڭزۇ، چياڭزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت ئاممىسى قىزىل ئارمىيەنى نۇرغۇن ئاشلىق قاتارلىق ئەشيالار بىلەن تەمىنلىگەن. كېيىن رەئىس ماۋ زېدۇڭ زاڭزۇ، چياڭزۇ خەلقىنىڭ قىزىل ئارمىيەنىڭ قارلىق تاغ، يايلاقتىن ئۆتۈشىگە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە كۆپ قېتىم يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇنى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ «قوتاز ئىنقىلابى» دەپ ئاتىغان.

  تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ميازۇ، ياۋزۇ، جۇاڭزۇ، تۇجيازۇ، يىزۇ، زاڭزۇ، چياڭزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن ئۆتكەن. ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن قىزىل ئارمىيە بىر يۈرۈش قارار، يوليورۇق، ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇزۇن سەپەر جەريانىدىكى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇلاردا مۇنداق دېيىلگەن: 1-مىللىي باراۋەرلىك تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى مىللىي ئېزىش ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇلىدۇ؛ 2-ئاممىۋى ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى ھۆرمەتلىنىدۇ؛ 3-ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ۋە قوراللىق كۈچ قۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ، مىللىي ئاپتونومىيە يولغا قويۇلىدۇ.

  قىزىل ئارمىيە پارتىيەنىڭ مىللىي، دىنىي سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، سەمىمىي، باراۋەر مۇئامىلە قىلغانلىقتىن، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيەنىڭ يۈز مىڭ كىشىلىك ئاساسلىق قوشۇنى سىچۈەننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 16 ئاي تۇرۇپ، 20 مىليون جىڭدىن ئارتۇق ئاشلىق جۇغلىغان، شۇ جايدىكى ئامما يەنە 200 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا ۋە تۇز، قاق گۆش قاتارلىقلارنى تەقدىم قىلغان. موشۈي ناھىيەسىدىكى بىر زاڭزۇ ئائىلىسىلا قىزىل ئارمىيەگە ئون مىڭ جىڭدىن ئارتۇق ئاشلىق تەقدىم قىلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، رەئىس ماۋ زېدۇڭ قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقان، كېيىن ئابا زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى بولغان تيەنباۋغا: سىزنىڭ يۇرتىڭىزدىكى پۇقرالار ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، جۇڭگو ئىنقىلابى خەتەرلىك پەيتتە تۇرۇۋاتقاندا، ئۇلار بىزگە ياردەم بەرگەن. مەن بۇرۇن جۇڭگو ئىنقىلابى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا قوتاز ئىنقىلابى دەپ ئېيتقان، سىز يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن، مەندىن ئۇلارغا سالام ئېيتىڭ ھەم مىننەتدارلىقىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر