باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن بانكىلار ئىپادە بىلدۈرۈپ، شەخسلەرنىڭ قەرز پۇل ئېلىش تۈرىىنى تېخى ۋاقىتلىق توختاتمىغانلىقىنى ئېيتتى

2016.10.25 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24- ئۆكتەبىر، مەلۇم تاراتقۇدا، بېيجىڭ رايونىدىكى قىسمەن بانكىلار «30- سېنتەبىر»دىكى بىنا ئۆي يېڭى سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ئولتۇراق ئۆي قەرز پۇل كەسپىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئىش جەمئىيەتنىڭ كەڭ تۈردە دىققىتىنى قوزغىدى. لېكىن، دۆلەت ئىلكىدىكى تۆت چوڭ بانكا ۋە شىڭيې بانكىسى، جوڭشىن بانكىسى ۋە خېڭفېڭ قاتارلىق نۇرغۇن پاي تۈزۈمىدىكى بانكىلاردىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇ ھەرقايسى بانكىلار شەخسلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي قەرز پۇل كەسپىنى يەنىلا نورمال قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردا تېخى قەرز پۇل كەسپىنى توختىتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

  يۇقىرىقى بانكىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە شەخسلەرنىڭ رەنىلىك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىش، تەستىقلاش ۋە قەرز بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا نورمال قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردا تېخى باشقا ئۆزگىرىش بولمىغان. بىراق، ھەرقايسى بانكىلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى سىياسەتتىكى پەرقلىق ئىناۋەت-قەرز سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلماقتا ئىكەن، يەنى تۇنجى يۈرۈش ئادەتتىكى ئولتۇراق ئۆي سېتىۋالغانلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ سېتىۋالغاندىكى تۇنجى بېرىمى %35تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك ئىكەن؛ ئەمما ئولتۇراق ئۆي شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش مەقسىتىدە يەنە بىر قېتىم سودا خاراكتېرلىك خۇسۇسىي ئولتۇراق ئۆي سېتىۋالماقچى بولۇپ قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، ئىككىنچى يۈرۈش ئادەتتىكى ئۆزى تۇرىدىغان ئولتۇراق ئۆي سېتىۋالغاندا، مەيلى قەرز ئېلىش خاتىرىسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇ ئۆينىڭ تۇنجى بېرىم نىسبىتى %50تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك ئىكەن؛ سېتىۋالماقچى بولغان ئۇ ئىككىنچى يۈرۈش ئادەتتىكى ئۆي ئەگەر ئۆزى تۇرىدىغان ئۆي بولمىسا، ئۇنىڭ تۇنجى بېرىم نىسبىتى %70تىن تۆۋەن بولمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر