باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىگىلىكى ئومۇمەن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەت ئۆستۈرۈلدى

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، خەلق ئىگىلىكى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى

2016.10.20 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دەسلەپكى ھېساباتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 52 تىرىللىئون 997 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ، كەسكىن دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە، رايونلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتى باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ياخشى تەرەققىيات كۆزلىمىسىگە يېتەكلەپ، يېڭى ھەمتۈرتكىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلق ئىگىلىكى ئايلىنىشىنى ئومۇمەن مۇقىم قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرىلەش ئاساسىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئومۇمەن مۇقىم بولدى. ئېلىمىز بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.0 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىگە باراۋەرلەشتى. ئېلىمىز ئاھالىسىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئوتتۇرا سانى 15مىڭ 626 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %8.1 ئېشىپ، ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى مۇقىم ئاشتى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر