- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«خاسىيەتلىك كېمە-11» ۋە «ئەرش ئوردىسى-2» ناملىق ئالەم كېمىسىنى ئاپتوماتىك كېسىشتۈرۈش ۋە چېتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى
2016.10.19 13:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئۆكتەبىر سائەت 3 تىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە «ئەرش ئوردىسى-2» ناملىق بوشلۇق تەجرىبىخانىسىنى ئاپتوماتىك كېسىشتۈرۈش ۋە چېتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، «ئەرش ئوردىسى-2» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ 15-سېنتەبىر قويۇپ بېرىلىپ ئوربىتىغا كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، خاسىيەتلىك ئالەم كېمىسى بىلەن تۇنجى قېتىم كېسىشىپ، چېتىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ توغرا كونتروللىقىدا، «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى كۆپ قېتىم ئوربىتا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، 19- ئۆكتەبىر سائەت 1دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە مۇستەقىل يېتەكلەش، كونترول قىلىش شەكلى بىلەن «ئەرش ئوردىسى-2» گە تەدرىجىي يېقىنلاشتى.
بېيجىڭ ئالەم قاتنىشىنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ چېتىش تەييارلىق ھالىتىنى ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىشى بىلەن «خاسىيەتلىك كېمە-11» «ئەرش ئوردىسى-2» ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتى. سائەت 3 تىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، «خاسىيەتلىك كېمە-11» بىلەن «ئەرش ئوردىسى-2» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ تۇتىشىش ھالقىسى ئۇچرىشىپ، بىر قاتار تېخنىكىلىق مەشغۇلاتلار تەرتىپ بويىچە ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىپ، چېتىش ئاپپاراتى چىڭ قىستۇرۇلۇپ، ئىككى ئۇچقۇ چىڭ تۇتاشتۇرۇلۇپ بىرىكمە گەۋدە شەكىللەندى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر