باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئۈچىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىندى، سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولۇشى مۇمكىن

2016.10.19 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 19- ئۆكتەبىر ئۈچىنچى پەسىللىك دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) قاتارلىق ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىرى ۋە يېقىندا ئاشكارىلانغان قىسمەن ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۈچىنچى پەسىلدە ئېلىمىز ئىقتىسادىدا مۆلچەردىكىدىن ياخشى نەتىجە يارىتىلىشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەر كەلگۈسى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، يېقىندا كۆپ خىل ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە ياخشىلىنىش كۆرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ خېلى مۇقىم ئايلىنىپ، تۆتىنچى پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ سەل ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

  19- ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى شېڭ لەييۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىكى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم-چىقىمى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىراقلا ئېلان قىلىنىدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە پۇل مۇئامىلە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ شىجۈن جۇڭشىن تورى مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 8-،9-ئايدىن بۇيان، ئىلگىرى ئاجىزراق بەزى مۇھىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مۇقىم ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، بولۇپمۇ ئەلئارا سېلىنما تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىملاشتى، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۈچىنچى پەسىلدە ئېلىمىز ئىقتىسادىدا مۇقىملىشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر