باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياشانغانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان مۇھىت سىستېمىسى 2025- يىلغىچە ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ

2016.10.13 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 25 كومىتېت، مىنىستىرلىق بىرلىشىپ تۈزگەن «ياشانغانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» 12- ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان. بۇ ئېلىمىزنىڭ ياشانغانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئېلان قىلغان تۇنجى يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەت ھېسابلىنىدىكەن.

  يېتەكچى پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025- يىلغىچە، ياشانغانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان بىخەتەر، قولايلىق، ئازادە مۇھىت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، «تۇرۇش، يۈرۈش، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش» قاتارلىق مۇھىتلىرىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىشتەك ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان مۇھىت ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك تىكلەپ، ياشانغانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، ياشانغانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا ھەممە ئېتىبار بېرىدىغان، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقى، ھاياتىي كۈچى، مۇستەقىللىقىنى ساقلايدىغان يۇمشاق-قاتتىق ماتېرىيال مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى، بىخەتەرلىك كاپالىتى، مەھەللىنىڭ ياردىمى، ئائىلە مۇھىتى، ئادىمىيەت مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر