- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن "<ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى> خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر"نى ئېلان قىلدى
2016.09.30 14:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا " <ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى> خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر"نى ئېلان قىلىپ، " <ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى> خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، پاك ۋە مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، بىر تۇتاش پىلانلاش، مەسىلىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىشتا يېڭىلىق يارىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشكارا، ئېنىق بولغان مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، كارخانىلار ۋە خەلققە ئەڭ زور دەرىجىدە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنى ئاز قاتراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ئۇلارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، نارازى قىلماسلىق، " <ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى> تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك.
پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2017-يىلىغىچە، ھەرقايسى ئۆلكە،ئاپتونوم رايون،مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىر گەۋدىلەشكەن توردا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەملىشىش، تورلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان، ئومۇميۈزلۈك بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان، ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلار بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، بىر توردا بېجىرىدىغان " <ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى> سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئەقىللىك قىلىنىدۇ، كارخانىلار بىلەن ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر