باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» نى تارقىتىپ، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى ۋە نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈردى

2016.09.28 17:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، مەركىزىي يېزا ئىگىلىك خىزمىتى ئىشخانىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى « يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت تۈزۈمى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئېچىش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى تارقىتىپ، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى ۋە نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تاكتىكىسىدا ۋە يۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۆلەش، كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش، جانلىق باشقۇرۇش،بايلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش قاتارلىق پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇپ، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت تۈزۈمى ۋە نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىرلەشمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان يېزا نامرات ئاھالىغا سىياسىي خاراكتىرلىك تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە يېزا نامراتلار ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر