باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىنتىزامى ۋە بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى ئېلان قىلىندى

2016.09.28 17:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى بىرلىشىپ ھۆججەت تارقاتتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، «ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىنتىزامى ۋە بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلىپ، بۇ «چارە» نىڭ 2016-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قۇيۇلۇش بىلەن بىللە، 2009-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىنتىزامى ۋە بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى (سىناق لايىھەسى)» نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  «قانۇن چىقىرىش قانۇنى» دىكى تارماقلارنىڭ قائىدە-نىزام بەلگىلەش، بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇق چەكلىمىسىگە قويۇلغان يېڭى تەلەپ بويىچە، «چارە» دە مۇنداق بەلگىلەندى: ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىگە ئېغىر دەرىجىدە ۋە ئالاھىدە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، شۇ قېتىملىق ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قوبۇل قىلىنمايدۇ ھەم ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىناۋەت ئارخىپى ئامبىرىغا خاتىرىلىنىپ، ئەھۋالغا قاراپ بەش يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاق خاتىرلىنىدۇ. «چارە» دە، ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش قىلمىشىنى جازالاش سالمىقى كۈچەيتىلىپ، «جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشكە تەشكىللەش جىنايىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن ۋە ئىنتىزامغا بوي سۇنۇش تەلىپى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ ئىمتىھاندا كۆچۈرسە ياكى ئىمتىھاندا تەشكىللىك كۆچۈرۈشكە قاتنىشىپ ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىگە ئالاھىدە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، مەمۇرلار سېپىگە ئۆمۈرۋايەت كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلغۇچىلار كۆچۈرۈشكە تەشكىللىسە ۋە پىلانلىسا ياكى تەشكىللىك كۆچۈرۈشتە ئاساسلىق رول ئوينىغان بولسا خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرسە، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ كۆچۈرۈش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن،«چارە» دە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىي تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ، ئوخشاش جاۋاب قەغىزىنى بىر تەرەپ قىلىش ماددىلىرى كۆپەيتىلىپ، ئوخشاش جاۋاب قەغىزىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر