باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات «تۇلپار مۇكاپاتى» تارقىتىلدى

2016.09.28 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى «تۇلپار مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى 28-سېنتەبىر جۇڭگو زامانىۋى ئەدەبىيات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇكاپاتنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھېسابلىنىدۇ.

  لى چۈەنفېڭنىڭ «ئاق يولۋاس قەلئەسى» قاتارلىق 5 رومانى، ما جىنليەننىڭ «سامانيولى» قاتارلىق 5 پوۋېست، ھېكايىسى، ما شۆسۇڭنىڭ «يوقۇتۇش ۋە قايتا پەيدا بولۇش» قاتارلىق 4 ئەدەبىي ئاخباراتى، خې يۇڭفېينىڭ «چايچىلىق ۋە ئاتچىلىق خاتىرىسى» قاتارلىق 5 شېئىرى، يۇڭ سونىڭ «ئويمان كەنت» قاتارلىق 5 نەسرى بولۇپ جەمئىي 24 ئەسەر ۋە ئۈچ تەرجىمان مۇكاپاتلاندى.

  بۇ نۆۋەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتىنى باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن كۆپ، ئومۇمىي سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى بولۇپ، ئېلىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈردى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردە ھەم مىللەتلەرنىڭ خاس مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن، ھەم رېئال تۇرمۇشقا، ھازىرقى جەمئىيەتنى جانلىق تەسۋىرلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى رەڭدار، جانلىق، خۇشاللىنارلىق كەيپىياتى نامايان قىلىنغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر