باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ ئورگانلرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر: ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى خاتىرىلەشنى يولغا قويۇش كېرەك

2016.09.28 17:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى « ج خ ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقىتىپ، مۇكەممەل قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈمى سىستېمىسى، قېلىپلاشقان قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىش سىستېمىسى، سىستېمىلاشقان دېلو بېجىرىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئەمەلىي قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە تەربىيلەش سىستېمىسى، كۈچلۈك قانۇن ئىجرا قىلىش كاپالىتى سىستىېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنى كەسىپلەشتۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى باشقۇرۇشنى سىستېمىلاشتۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ج خ ئورگىنى قۇرۇش، ھەر بىر قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتى ۋە ھەر بىر دېلو بېجىرىش جەريانىدا، ئاممىغا ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك ج خ ئورگانلىرى بىر تۇتاش قوللىنىدىغان قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىش ئۇچۇرلىرى سىستېمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان دېلولاردىن سىرت، ئومۇميۈزلۈك توردا دېلو بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ تولۇق جەريانلىق خاتىرىلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەق مەيداندا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى ئۈن-سىنلىق خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇش؛ «قۇياش نۇرى ساقچى ئىشلىرى» نى بەرپا قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ئۈنۈملۈك مەمۇرىي جازا تۈزۈمى ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىش قارار قىلىنغان ھۆججەتلەرنى توردا ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر