باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمىلىق ساياھەتتە توزاققا چۈشسىڭىز يانفوندىلا ئەرز قىلالايسىز

2016.09.28 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى بايرام مەزگىلىدىكى ساياھەت ئىستېمالىغا قارىتا مۇلازىمەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى، بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق ئالتۇن ھەپتىدىن بۇرۇن، 12301 مەملىكەتلىك ساياھەت ئەرز سۇپىسىنىڭ يانفون نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، بۇ ئارام مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتى دەخلى- تەرۈزگە ئۇچرىغاندا، يانفون ئارقىلىق بىۋاستە ئەرز قىلىشقا بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 12301 سۇپىسى ھەر دەرىجىلىك ساياھەت سۈپەت- نازارەت قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى ساياھەتتىكى ئەرزلەرنى قۇبۇل قىلىدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر تۇتاش سۇپا بولۇپ، ساياھەت جەريانىدىكى ئەرز بولسا، ئەرز ئۇچۇرلىرىنى تېز سۈرئەتتە تەۋە جايدىكى ساياھەت نازارەت ئورگانلىرىغا يوللىغىلى بولىدىكەن، ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت ۋە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك سۈپەت نازارەت قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى نۇقتىلىق ئەرز دېلولىرىغا قارىتا ھەيدەكچىلىك قىلالايدىكەن، ھەر دەرىجىلىك سۈپەت نازارەت قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى ئەرز دېلولىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ھالىتىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ ۋە نازارەت قىلىپ تۇرالايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر