باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك «سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى ئالتە قېتىملىق «ئۈچ ساختا»لىق دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.09.27 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك «سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى 26- سىنتەبېر، ئالتە قېتىملىق ساختا مۇخبىرنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىش، ئادامچىلىق دېلوسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى. ساختا مۇخبىر، ساختا مۇخبىرلار پونكىتى، ساختا تاراتقۇلارغا بولغان يۇقىرى بېسىملىق زەربە بېرىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاش ئۈچۈن، بۇ ئىشخانا بۇ يىل 6-ئايدا مەملىكەت بويىچە «سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش_كۈز شامىلى- 2016» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن ھازىرغىچە، جەمئىي 670 پارچىدىن ئارتۇق قانۇنسىز گېزىت- ژورناللارنى يىغىۋالدى، ھەرخىل «ساختا مۇخبىر، ساختا مۇخبىرلار پونكىتى، ساختا تاراتقۇ» دېلوسىدىن 84نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. مەملىكەتلىك «سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى يالغۇز ياكى ج خ، نەشىر ھوقۇقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ 26 نۇقتىلىق دېلونى بېجىرىشكە نازارەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك «سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، مەملىكەتلىك «سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى «كۈز شامىلى-2016» مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بويىچە ئاممىنى پاش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش، قانۇنسىز گېزىت- ژورناللارنى تەكشۈرۈپ يىغىۋېلىش، «ئۈچ ساختا» دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، بازار نازارىتى، مۇھىم دېلولارنى بېجىرىش- بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، «ئۈچ ساختا»نىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت قىلمىشلىرىنى ئۈنۈملۈك چۆچۈتۈپ، نورمال بولغان ئاخبارات تەرتىپىنى كۈچلۈك قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر