باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ كانادادىكى زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى

2016.09.27 16:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ كاناداغا قىلغان زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ 21-سېنتەبىردىن 24-سېنتەبىرگىچە كانادادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو زۇڭلىسىنىڭ 13 يىلدىن بۇيان كانادادا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، جۇڭگو-كانادا زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە بىر يۈرۈش مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئالتۇن 10 يىلىنى يارىتىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  گېڭ شۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ كانادادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 22-سېنتەبىر جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ قايتۇرۇۋېلىنغان مال-مۈلۈكتىن بەھرىلىنىش ۋە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىم جۇڭگونىڭ چەتئەلگە يۆتكىۋېتىلگەن، جىنايەتچىلەر چەتئەللىكلەر بىلەن شېرىكلىشىپ ئېرىشكەن مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇۋېلىشى توغرىسىدىكى تۇنجى مەخسۇس كېلىشىم. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو 60 قا يېقىن دۆلەت بىلەن 79 تۈرلۈك ئەدلىيە ھەمكارلىقى كېلىشىمى، 46 دۆلەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى ئىمزالىدى ھەمدە نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن ئەدلىيە ھەمكارلىقى ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەمكارلىقى ئورناتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر