باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز بىر بەلباغ، بىر يول ھەققىدە 30 نەچچە دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئورناتتى

2016.09.27 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى تۈنۈگۈن شىئەندە ئېچىلدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې لىفېڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى باشلانغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، ھازىرغىچە، ئېلىمىز 30 نەچچە دۆلەت بىلەن بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش ھەققىدە ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى باشلانغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەر بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى بىرلىكتە يولغا قويغان، بۇنىڭ بەزىلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقمۇ بار ئىكەن، جۇڭگو كارخانىلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇغلىغان تېخنىكا ئەۋزەللىكى ۋە مول تەجرىبىلىرى، بىر قەدەر تۆۋەن تەننەرخ ۋە ئىشەنچلىك سۈپەتكە تايىنىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول، مېترو، تاشيول، پورت قاتارلىق زامانىۋى ئەسلىھەلەرنى بىرلىكتە ياسىغان؛ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتا، لىنىيە بويىدىكى يېزا ئىگىلىك دۆلەتلىرى، ئېنېرگىيە دۆلەتلىرى بىلەن زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، سانائەتلەشتۈرۈش ۋاسىتىسى، تۈر ھەمكارلىقى ئارقىلىق، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولغان؛ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتا، جۇڭگو ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ يىپەك يولى فوندىنى مەخسۇس قوللىغان.

  بۇ ھەمكارلىقلار ئارقىلىق، ئېلىمىز بىلەن لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسەت ئالاقىسى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئەسلىھە تۇتاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، بىر-بىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بازار كېڭەيتىلدى ھەم يېتىشتۈرۈلدى، سودا، مەبلەغ سېلىش تېخىمۇ راۋانلىشىپ، مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش ۋە تىجارەت تەننەرخى تۆۋەنلەپ، كارخانىلار ھەم پۇقرالار تېخىمۇ پايدا ۋە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو يەنە لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش، سەھىيە، پەن-تېخنىكا قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، ئەلرايىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى-بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر