باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە لايىھە چىقاردى

2016.09.27 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ « ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ھەققىدىكى 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى»نى تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدە تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىي قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  لايىھەدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، قوللىنىشچان ئىلغار تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ۋاسىتىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېرەك، ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇشنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يول قىلىپ، يۇمشاق دېتالدىكى كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يېڭىچە قېلىپ، يېڭىچە ھالەتنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروت بايلىقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك، 2018-يىلىغا بارغاندا ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي خىراجىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى 2015-يىلدىكىدىن بىر پوئىنتتىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىش، سانائەت كارخانىلىرى ۋە توپ،پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت ھەققىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر