باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز شەھەرلىرىدە ئورمان كۆلىمى تېز ئاشتى

2016.09.27 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەبلەغ سېلىشتا ۋە ئورمان ئەھيا قىلىنىدىغان يەر ئىشلىتىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئورمان شەھىرى قۇرۇش ئارقىلىق 13-بەش يىلدا ئېلىمىزدە ئورماننىڭ قاپلىنىش كۆلىمىنى %23دىن ئاشۇرىمىز.

  نۆۋەتتە ئېلىمىز شەھەرلىرىدە ئورمانلىق كۆلىمى تېز ئېشىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئورمان كۆلىمىنىڭ بىر يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئورمان شەھىرى قىلىنغان 180 نەچچە شەھەرنى ئىستاتىستىكا قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا ھەر بىر شەھەردە يىلىغا يېڭىدىن ئەھيا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 200مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، شەھەر كۆلىمىنىڭ بىر پوئىنتىنى ئىگىلىگەن، بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە ئوتتۇرىچە ئورمان كۆلىمى ئېشىش سەۋىيەسىدىن خېلى يۇقىرى، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنلوڭ مۇنداق دېدى: 13-بەش يىلدا، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %23.04گە يەتكۈزۈلىدۇ، ئاز دېگەندىمۇ 200مىليون مودىن ئارتۇق ئورمان كۆلىمى ساقلاپ قىلىنىدۇ، بىزنىڭ ئورمان شەھىرى قۇرۇلۇشىمىزدىكى ئورمانلىق يېرىمىزدا ئورمان سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولۇپ، 13-بەش يىللىق پىلان ۋەزىپىسىنى تاماملىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مالىيە كۈچى تېخى ئۇنچە يېتەرلىك ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ ئورمانچىلىقىمىز ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىمىزدا ئاجىز تەرەپلەر ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭغا نۇرغۇن مەبلەغ كېتىدىغان بولغاچقا يالغۇز دۆلەت مەبلىغى ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ.ئورمان شەھىرى قۇرۇلۇشىدا مەبلەغ سېلىش ۋە ئورمان ئەھيا قىلىنىدىغان يەر ئىشلىتىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

  جاڭ جيەنلوڭ مۇنداق دېدى: مەبلەغ سېلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشتا، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىش قېلىپىنى شۇنداقلا قۇرۇلۇش، تىجارەت ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش قېلىپىنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەت دەسمايىسىنى ئورمان قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا ئورمانلىق يېرىنى ئىشلىتىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك، ھازىر بەزى جايلار قوللانغان ئورماننى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تېرىلغۇ قىلىش شەكلى بىرقەدەر ياخشى بولۇۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر