باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىككى مەنبەلىك نوپۇس تۈزۈمىگە خاتىمە بەردى

31 ئۆلكە يېزا نوپۇسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

2016.09.23 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ شەھىرى 19-سېنتەبىر نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 31 ئۆلكە نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھات پىكرىنى ئېلان قىلدى. ئىسلاھات پىكرىدە، جايلار ئومۇمىي جەھەتتىن يېزا بىلەن شەھەر نوپۇسىنى ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قىسمەن جايلار نوپۇسقا ئالدۇرۇش شەرتلىرىنى كەڭ قويۇۋەتتى. ئېلىمىزدە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت يولغا قويۇلغان ئىككى مەنبەلىك نوپۇس تۈزۈمى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى.

  جۇڭگو مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يۈكەي مۇنداق دېدى: نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى «بىرگە تېگىپ ھەممىگە تەسىر كۆرسەتتى»، «يېزا نوپۇسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» بىلەن «نوپۇسقا ئالدۇرۇش شەرتىنى كەڭ قويۇۋېتىش» بۇنىڭ ئىككى يارقىن نۇقتىسى بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تولۇق قاپلاش ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  گوۋۇيۈەن 2014-يىلى ئېلان قىلغان «نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، يېزا نوپۇسى بىلەن شەھەر نوپۇسىغا ئايرىش ۋە بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن كۆك تامغىلىق نوپۇس قاتارلىق نوپۇس تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر تۇتاش ئاھالىلەر نوپۇسى قىلىپ تىزىملاپ، نوپۇس تۈزۈمىنىڭ نوپۇس تىزىملاشنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى نامايان قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېزا نوپۇسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دېھقانلارنىڭ ھازىرقى ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ يېزا مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس، خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى لى يىفۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى «يېزا نوپۇسىنى شەھەر نوپۇسىغا ئۆزگەرتىش» بولماستىن، بەلكى دېھقانلارنىڭ يېزا نوپۇس سالاھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كوللېكتىپ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، كوللېكتىپ مەنپەئەتنى تەقسىملەش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇق»ىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر