باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەلىبابانىڭ بازار قىممىتى ئاسىيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى

2016.09.18 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-سېنتەبىر ئەلىبابا گوروھىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئەلىبابا گوروھىنىڭ ئامېرىكا ۋاقتى 16- سېنتەبىر نيۇيورك بىرژىسىدىكى ئاخىرقى باھاسى ھەر بىر پاي 104.64 ئامېرىكا دوللىرى بولغان، بازار قىممىتى تەخمىنەن 266 مىليارد 413 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئاسىيادىكى پايچىكى بازارغا سېلىنغان بارلىق شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا چىققان.

  بۇ ئاينىڭ بېشىدا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئاسىيادىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەت بولغان ئىدى، ئەلىبابانىڭ بۇ قېتىم بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈشى ئېنتىرنېت تورى شىركەتلىرىنىڭ ئاسىيانى يېتەكلەپ مېڭىشىنى داۋاملىق ئىشقا ئاشۇرغانلىقى بولۇپ، ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋىي كەسپ ماگناتلىرىنىڭ نۆۋەتلىشىپ بىرىنچى بولۇشىدەك ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ دۇنيادىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەتلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئالما، گۇگىل ۋە مىكروسوفت قاتارلىق ئېنتىرنېت تورى شىركەتلىرى بولۇشتەك يۈزلىنىشى بىلەن ئوخشاش بولدى.

  2017-يىلى ئەلىبابانىڭ ئىككىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدا، ئېلېكترونلۇق سودا يەنىلا ئەلىبابانىڭ چوڭ كىرىم مەنبەسى بولدى، بىراق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتقان بۇلۇت ھېسابلاش، رەقەملىك تاراتقۇ ۋە كۆڭۈل ئېچىش، ئىجادىي تۈر قاتارلىقلار «يېڭى ئۈچ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ» قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئەلىبابانىڭ يادروسى بولغان ئېلېكترونلۇق سودىدىن باشقا ئۈچ چوڭ بۆلىكى نۆۋەتلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىكەن، يەنى 2017-يىلدىن 2019- يىلغىچە، ھازىرقى مۆلچەر قىممىتى 60 مىليارد دوللارلىق چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرىلەيدىكەن، 2019-يىلدىن 2021-يىلغىچە، ئالىيۈن داۋاملاشتۇرىدىكەن، 2021- يىلدىن 2024- يىلغىچە، سەينياۋ باشلامچى بولىدىكەن. خۇددى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىكى تەنھەرىكەتچىلەرگە ئوخشاش، ئەلىبابا قارىمىقىدىكى كەسپلەر نۆۋەتلىشىپ باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرىلەيدىكەن.

  ئەلىبابا گوروھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى مايۈننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئەلىبابا كەلگۈسىدە نىشاننى پۈتۈن دۇنياغا قارىتىدىغان بولۇپ، «ئون مىليون كارخانا ئۈچۈن مەۋجۇد بولۇش، چوڭىيىش ۋە تەرەققىي قىلىش سۇپىسىنى تەمىنلەپ، دۇنيا بويىچە 100 مىليونچە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، دۇنيادىكى ئىككى مىليارد ئىستېمالچى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» نىشانلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر