باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت مىقياسىدا يۇرتىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ئون دەريانى تېپىش باشلاندى

2016.09.14 13:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەمئىيەتتىكى ئاممىنى سۇ ئىشلىرى ساۋاتلىرىنى بىلىش، سۇ تېجەش، سۇنى قوغداش، سۇنى قەدىرلەشكە يەنىمۇ يىتەكلەش ئۈچۈن، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن تۇنجى نۆۋەتلىك يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى دەرياسىنى تاپايلى باش تېمىلىق پائالىيەتنى باشلاپ، مەملىكەت مىقياسىدا يۇرتىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ئون دەريانى تېپىشقا باشلىدى.

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقى سۇ ئەھۋالى مائارىپ مەركىزىنىڭ مەسئۇلى،جۇڭگو سۇ ئىشلىرى گېزىتى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى تۇ شۇمىڭ پائالىيەتنى باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: يۇرتىمىزدىكى ئەڭ ياخشى دەريانى تېپىش كۆز قارىشى يۇرتقا مۇھەببەت باغلاش، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا بەخت يارىتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، يۈكلىمە مەدەنىيەت ۋە ئادەم بىلەن سۇنىڭ ئىناقلىقى قاتارلىق يەتتە جەھەتتە گەۋدىلىنىدۇ.

  تۇشۇمىڭ مۇنداق دېدى: بىر يۈرۈش تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى باھالاشتا پۈتۈن جەمئىيەتتە دەريا ئېقىنىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش، دەريا ئېقىنىنى قەدىرلەش ۋە قوغداش ئىدىيەسى تارقىتىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە: يۇرتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل دەريانى تاپايلى باش تېمىلىق پائالىيەت سۇچىلىق مىنىستىرلىقى گەزەل سۇ يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. يۇرتىمىزدىكى دەريالارنى كۆرسىتىشتىن باشقا يەنە سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ئەڭ گۈزەل دەريا قۇرۇلۇشى، ئەڭ گۈزەل كۆل قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى دەريا كۆللەرنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا يېتەكلەيدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر