باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىپىسى بېكىتىلدى

2016.09.13 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات پىلان پىروگراممىسى» يېقىندا رەسمىي چىقىرىلدى، پىروگراممىدا، «ئېكولوگىيەنى ئالدىغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات» تۈپ تەپەككۇرى چۆرىدىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ «بىر ئوق، ئىككى قانات، ئۈچ قۇتۇپ، تۆت نۇقتا»دىن ئىبارەت تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى بېكىتىلدى. بۇنىڭدىكى بىر ئوق-چاڭجياڭ ئالتۇن سۇ يولىنى تايانچ قىلىپ، شاڭخەي، ۋۇخەن، چۇڭچىڭنىڭ يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەريا بويىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئوقىنى بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىككى قانات-ئايرىم-ئايرىم شاڭخەي-رۈيلى ۋە شاڭخەي-چېڭدۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيوللىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ئىككى چوڭ قاتناش يولىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ-چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى. قاتناشنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىسىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، جەنۇب بىلەن شىمالىي قاناتنىڭ مەركىزىدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەرلىرىنىڭ نوپۇسى ۋە كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. ئۈچ قۇتۇپ-چاڭجياڭ دېلتىسى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ۋە چېڭدۇ-چۇڭچىڭدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ شەھەرلەر توپىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئۈچ چوڭ ئاشۇرۇش قۇتۇپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كۆپ نۇقتا-ئۈچ چوڭ شەھەرلەر توپىنىڭ سىرتىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركىزىي شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ئالاقىسىنىڭ ئۆز ئارا تۈرتكىسىنى كۈچەيتىپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر