باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساماۋى ئوردا 2-نومۇردا قويۇپ بېرىش مەشىقى قىلىندى

2016.09.13 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پىلانغا ئاساسەن، ئېلىمىز 15-سېنتەبىردىن 20-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ، جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ساماۋى ئوردا 2-نومۇرلۇق بوشلۇق تەجرىبىخانىسىنى قويۇپ بېرىدۇ. تۈنۈگۈن قويۇپ بېرىش مەيدانىدا، پۈتۈن سىستېمىدا قويۇپ بېرىش مەشىقى قىلىندى، نەتىجىدىن ھەر قايسى سىستېمىلارنىڭ نورمال ھالەتتە ئىكەنلىكى ئايان بولدى.

  0-نومۇرلۇق قومانداننىڭ بۇيرۇقىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن سىستېمىنىڭ قويۇپ بېرىش مەشىقى باشلاندى. قويۇپ بېرىش مەيدانى سىستېمىسى، راكېتا سىستېمىسى، ساماۋى ئوردا 2-نومۇر بوشلۇق تەجرىبىخانا سىستېمىسى ۋە بوشلۇقتا قوللىنىش سىستېمىسى تەڭ قاتنىشىپ، ھەر قايسى سىستېمىلار ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزدى.

  بۇ قېتىمقى مەشىق ساماۋى ئوردا 2-نومۇر قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇنقى ئالتە سائەتتە باشلاندى، راكېتا يەنە تەقلىدىي ئۇچۇرۇلدى، قويۇپ بېرىدىغان كۈندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئوت ئالدۇرۇپ قويۇپ بېرىشتىن ساماۋى ئوردا 2-نومۇر ئالدىن بەلگىلىگەن ئوربىتىغا كىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانى مەشىق قىلىندى.

  پىلانغا ئاساسەن، ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇرلۇق F راكېتاسى 15-سېنتەبىردىن 20-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ، ساماۋى ئوردا 2-نومۇرلۇق بوشلۇق تەجرىبىخانىسىنى قويۇپ بېرىدۇ، ئۇ-ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ھەقىقىي مەنىدىكى ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى بولۇپ، بوشلۇق سوغۇق ئاتوم سائىتى قاتارلىق 14 قوللىنىشچان ئەسلىھە ۋە ئېغىرلىق مەركىزىنى يوقاتقاندىكى قان تومۇر تەتقىقاتى قاتارلىق ئالەم قاتنىشى مېدىتسىنا تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى قاچىلانغان، ئوربىتىدا رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر