باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭدا تۇنجى مەدەنيەت سەنەئت كەسپى فوندىنى باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلدى

2016.09.13 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىزاڭدىكى تۇنجى مەدەنىيەت سەنئەت كەسپى فوندىنى باشقۇرۇش سۇپىسى ــ سوڭخې شىڭخۇ فوندى باشقۇرۇش سۇپىسى 10-سىنتەبىر شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدە قۇرۇلدى، بۇ فوندىنى باشقۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق جەمئىيەت دەسمايىسى توپلىنىپ، شىزاڭنىڭ ئۆزىدىكى ئۈستۈنلىككە ئىگە مەدەنيەت سەنئەت كەسپىنى قېزىش، يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ تەرەققى قىلىىشغا مەدەت بېرىلىدۇ.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى سانبۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەدەنىيەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىش شىزاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، مەدەنىيەت سەنئەت كەسپى فوند باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش شىزاڭنىڭ مەدەنىيەت سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ، شىزاڭ ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىقىدىكى لايھەنى تۈزۈشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، مەدەنىيەت تارماقلىرى مەخسۇس مەبلەغنى ئىلتىماس قىلىش، كارخانىلار سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەدەنىيەت كەسپىنىڭ شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولدى، 2015-يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت كەسپىدە كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ 570 مىليون يۈەنگە، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى، يىللىق ئېشىش نىسبىتى تەخمىنەن %15بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر