باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو - ئىران دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى» مۇنبىرى ئىراندا ئۆتكۈزۈلدى

2016.08.25 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو - ئىران دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى» مۇنبىرى 23- ئاۋغۇست ئىراندا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو-ئىران ئىككى دۆلەت مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى، ئىجتىمائىي ئالاقە، ھەمكارلىشىپ نەپكە ئېرىشىش قاتارلىق قارالمىلار ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

  يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار ئومۇميۈزلۈك مۇنۇلارنى بىلدۈردى : « بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى رايونلار ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جۇڭگو - ئىران دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار جۇڭگو - ئىران ئورتاق بەرپا قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» پارلاق ئىستىقبالىغا ياخشى باھا بەردى.

  گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى خې شىڭلياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئىران ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، ئىككى دۆلەتنىڭ 2000 نەچچە يىلدىن بۇيانقى باراۋەر مۇناسىۋىتى، بىر - بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش، دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەت يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئۈچۈن ئاساس سالدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو-ئىران ئىككى دۆلەت، بولۇپمۇ بايلىق بىلەن پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق ساھەسىدە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە.

  ئىران يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد ئەمادى مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى جۇڭگو-ئىران ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتتى، يىپەك يولى ئەمەلىيەتتە «ھەمكارلىشىپ نەپكە ئېرىشىش يولى» بولۇپ قالدى.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەر «2016- يىللىق جۇڭگونى ھېس قىلىش- - جۇڭگو غەربىي رايون مەدەنىيىتى ئىران سەپىرى . شىنجاڭ قىسمى» ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى. يەتتە كۈن داۋاملىشىدىغان «جۇڭگونى ھېس قىلىش» پائالىيىتى مەزگىلىدە، مۇھاكىمە مۇنبىرىدىن باشقا يەنە شىنجاڭ ئاساسىي تېما قىلىنغان ناخشا - ئۇسسۇل سەنئەت نومۇرلىرى، رەسىم كۆرگەزمىسى، چالغۇ ئەسۋابلار ۋە كىيىم - كېچەك كۆرگەزمىسى قاتارلىق نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر