باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ‹‹سەمىمىيەت يۇلتۇزى›› غا ئېرىشكەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئېلان قىلدى

2016.08.25 13:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا جۇڭگو مەنىۋى مەدەنىيلىك تورىدا جۇڭگو بېيجىڭ ‹‹تۇڭرېنتاڭ›› (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ‹‹سەمىمىيەت يۇلتۇزى››غا ئېرىشكەن ئون ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئېلان قىلىنغان ‹‹سەمىمىيەت يۇلتۇزى››غا ئېرىشكەن ئون ئورۇن ۋە شەخسلەر: جۇڭگو بېيجىڭ ‹‹تۇڭرېنتاڭ››(گۇرۇھى)چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ‹‹شېياۋ›› پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جېجياڭ جۇڭگو ئۇششاق تاۋارلار شەھەرچىسى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ‹‹دۇڭئې ئېجاۋ››پاي چەكلىك شىركىتى، خۇبېي ‹‹شىنيى›› ئاكا – ئۇكا قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانا ۋە سۇن شىفۇ، شۇ لەنيىڭ، لى جياڭفۇ، لى گوۋۇ، يې يىرۇي قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ئىچىدە، بەزىلىرى سەمىمىيىتى ئارقىلىق كوزىر ماركا يارىتىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، توختامغا ئەمەل قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىپ، ئىناۋىتىگە تايىنىپ ماركا يارىتىپ، تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرگەنلەر؛ بەزىلىرى سەمىمىي بولۇشنى ھايات يولىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى قىلىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، ئىش قىلغاندا لەۋزىدە تۇرۇپ، سەمىمىيىتى ئارقىلىق ئىنسانىي خىسلىتى ۋە ئەخلاق يۈكسەكلىكىنى نامايان قىلغانلاردۇر. بۇ ‹‹سەمىمىيەت يۇلتۇزى››غا ئېرىشكەن ئورۇن ۋە شەخسلەر ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشنىڭ قىممەت ئۆلچىمى ۋە پىرىنسىپىنى شەرھلەپ، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ لەۋزىدە تۇرۇپ، ۋەدىسىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش، ئىناۋەتنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىشتەك روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى نەمۇنىچىلىك بىلەن ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكۈچىلەردۇر. پۈتۈن جەمئىيەتكە ‹‹سەمىمىيەت يۇلتۇزى››غا ئېرىشكەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلىش ئىلغار تىپلارنىڭ نەمۇنىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سەمىمىيەت مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سەمىمىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە لەۋزىدە تۇرۇش شەرەپلىك، لەۋزىدە تۇرماسلىق نومۇس، دېگەن ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، سەمىمىي جەمئىيەت، سەمىمىي دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر