باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش بازىرى تېز كېڭەيمەكتە

بۇ ھەپتىدە يېڭىدىن 240 شىركەت كۆپەيدى

2016.08.23 11:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ ھەپتە (8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە)، مەملىكەتلىك ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار پايچېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش سىستېمىسى (يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش بازىرى)دا يېڭىدىن 240 شىركەت كۆپىيىپ، 8-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش بازىرىدىكى شىركەتلەر 8781غا يەتتى.

  سان-سېفىرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش بازىرىغا كىرگەن شىركەتلەرنىڭ سانى تېزدىن ئاشقان، ئالدىنقى ھەپتىدە يېڭىدىن كىرگەن شىركەتلەرنىڭ سانى 400گە يەتكەندىن كېيىن، بۇ ھەپتىدە يېڭىدىن كىرگەن شىركەتلەرنىڭ سانى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا 240قا يەتكەن. 8-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش بازىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي بازار قىممىتى ئۈچ تىرىليون 264 مىليارد 636 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  بۇنداق بولغان بىلەن، بۇ ھەپتىدە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش بازىرىنىڭ سودا ئاكتىپ بالانىسى يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن بولدى، پۈتۈشۈش سوممىسى ئاران 2 مىليارد 678 مىليون يۈەن بولۇپ، %19.27 تۆۋەنلىدى. بۇ ھەپتىدە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش بازىرىدىكى پۈتۈشۈش كۆرسەتكۈچى ۋە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش بازىرىنىڭ بازارلىشىش تەركىبى كۆرسەتكۈچى بەزىدە ئۆرلەپ، بەزىدە چۈشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش بازىرىنىڭ بازارلىشىش كۆرسەتكۈچى داۋاملىق 2015-يىلى 2-ئايدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر