باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە ئەزاسى 88 مىليون 758 مىڭ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى 4 مىليون 413 مىڭغا يەتتى

پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇماقتا

2016.07.01 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى پارتىيە ئىچى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 88 مىليون 758 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 965 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، كۆپىيىش نىسبىتى %1.1 كە يەتكەن. پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى 4 مىليون 413 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 54 مىڭى كۆپىيىپ، كۆپىيىش نىسبىتى %1.2 كە يەتكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەركەزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغىدى.

  پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. 2015-يىلى، مەملىكەت بويىچە پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ، 2012-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەت %3.1 تىن 2 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش سىجىل ئۈنۈملۈك بولدى. پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار قوشۇنى سىجىل كېڭىيىپ، پارتىيەگە كىرىش كۆزنىكى ئۆتكىلى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇلدى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)



  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر