باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارخىپخانىدىكى خىزمەت دوكلاتى

2016.06.24 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز ئارخىپخانىسىدا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىنقىلابچىسى پەن شىنيۈەن 1929-يىلى 7-ئايدا يازغان «شەرقىي خۇنەندىكى ھەر قايسى ناھىيەلەرنىڭ خىزمەت دوكلاتى» ساقلانماقتا. دوكلاتتا، مارى ۋەقەسى، دېھقانلار ئارمىيەسىنىڭ چاڭشاغا ھۇجۇم قىلىشى، كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى قاتارلىق شەرقىي خۇنەننىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدىكى كۈرەش ئەھۋالى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. بۇ دوكلاتنى يېزىپ بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن، ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن پەن شىنيۈەن باتۇرلارچە قۇربان بولىدۇ، ئۇ قالدۇرغان بۇ دوكلات ناھايىتى قىممەتلىك پارتىيە تارىخى ھۆججىتى بولۇپ قالىدۇ. پەن شىنيۈەن دوكلاتنىڭ بېشىدا ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق يازىدۇ: ئەينى چاغدا كۈرەشكە قاتناشقان يولداشلارنىڭ كۆپ قىسمى نەچچە قېتىملىق كۈرەشتە باتۇرانە قۇربان بولدى، مەن كېيىن ياخشى پۇرسەت چىقماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، بۇرۇنقى كۈرەشلەرنىڭ جەريانىنى يېزىپ چىقىپ، سانسىزلىغان باتۇر يولداشلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەن شەرەپلىك تارىخنى كۆمۈلۈپ قالمىسۇن دېدىم، شۇڭا بۇرۇنقى پاكىتلارنى كۆپرەك قالدۇردۇم، مەن مەركەزنىڭ بۇ دوكلاتنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ، قۇربان بولغان يولداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆچمەس خاتىرە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 1929-يىلى 4-ئايدا، پەن شىنيۈەننى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولىدۇ، كېيىن، جۇڭگو-سوۋېت چېگراسى تاقىلىپ قالغانلىقتىن بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشماي، ئۇ شاڭخەيدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بارىدۇ. ئۇ يەردە، پەن شىنيۈەن خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسىلىق نامى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا خەنزۇچە خەت سانى 20 مىڭدىن ئاشىدىغان بۇ دوكلاتنى سۇنىدۇ. 1930-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا، پەن شىنيۈەن كېمە بىلەن ۋېنجۇغا بېرىش يولىدا، خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن، جېجياڭنىڭ يۈخۇەن ناھىيەسىدە قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر