باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا قويۇپ بېرىش رايونىغىچە تىك يۆتكەلدى

2016.06.23 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 22-ئىيۇن جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا 25-ئىيۇندىن 29-ئىيۇنغىچە پۇرسەت تاللاپ قويۇپ بېرىلىپ، تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى تىك قۇراشتۇرۇش، تىك ئۆلچەش، تىك يۆتكىلىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۈچ تىك ئۆلچەپ قويۇپ بېرىش قېلىپىدىن پايدىلىنىپ راكېتانىڭ قويۇپ بېرىش رايونىدا قويۇپ بېرىشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىق ۋاقتىنى قىسقارتىپ، قويۇپ بېرىشنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرگەن. تىك يۆتكىلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا بىلەن توشۇغۇچى گەۋدىنىڭ رەسمىي قويۇپ بېرىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە خەينەننىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى سىستېمىسى، ئۆلچەپ كونترول قىلىش خەۋەرلىشىش سىستېمىسى، قۇرۇقلۇققا قونۇش مەيدان سىستېمىسى ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر