باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە قەرز كىرزىسى مەۋجۇد ئەمەس

2016.06.17 15:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 15-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن بۆلىمىنىڭ ھەيئتى ، دۆلەت پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات سىناق ئىشخانىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى لى ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز ئىشلىرى كونترول قىلىش دائىرىسىدە جۇڭگونىڭ قەرز كىرزىسگە تاقابىل تۇرغىدەك يېتەرلىك مۈلكى بار، قەرز كىرزىسى مەۋجۇد ئەمەس.

  خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا لى ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىمىزنىڭ قەرز ئومۇمىي سوممىسى 168تىرىليون 480 مىليارد يۈەنگە يەتتى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتى %249گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى 16 تىرىليون يۈەنگە يەتتى، ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %39.4، ئەڭ يۇقۇرى چەكتە مۆلچەرلىگەندىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ قەرز سەۋىيەسى %56.8گە يېتىدۇ، بۇ يەنىلا ياۋروپا ئەللىرى ئىتىتپاقىنىڭ %60لىك ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىتىن تۆۋەن، مۈلۈككە بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلغاندا جۇڭگودا قەرز خەتىرى يوق.

  لى ياڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ تەھلىلىمىزدىن ئايان بولدىكى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگونىڭ ساپ مۈلكى 103 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، زېمىن مۈلكى ۋە يۆتكەلمەس مۈلكىنى چىقىرىۋەتكەندە دەرھال قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن 28 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن يۆتكەلمە مۈلۈك چىقىرالايدۇ، شۇ چاغدا چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچىلار بىزنىڭ سانلىق مەلۇماتىمىزنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو 1.5 قېتىملىق چوڭ كىرزىسقا تاقابىل تۇرالايدۇ، شۇڭا بىز زور ئىشەنچ بىلەن جۇڭگودا قەرز كىرزىسى يۈز بېرىش مۇمكىنچىكى ئىنتايىن كىچىك دەپ ئېيتالايمىز.

  قەرز قۇرۇلمىسىدا غەيرى پۇل مۇئامىلە كارخانا تارماقلىرى مەسلىسى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، قەرز نىسبىتى %131 گە يەتتى، ئەگەر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىدىكى قەرزنى قوشساق، غەيرى پۇل مۇئامىلە كارخانلىرى تارماقلىرىنىڭ قەرزى %156گە يېتىدۇ، قەرز ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىش تەدرىجىي كۆپۈيىدۇ، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئېلىمىزنىڭ قەرز بازىرى تەرەققىياتى ئىزچىل تۈردە بىرقەدەر ئاستا دەپ قارىلىپ كەلمەكتە، باھالىغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ دەرىجىنى باھالاش سۈپىتىمۇ بىرقەدەر ناچار.

  لى ياڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر مۇتلەق نەقلەشتۈرۈش بولۇپ، ئىناۋەت پەرقى بولمىسا، پەقەت ھۆكۈمەت ئىناۋىتىلا بولسا ئۇنداقتا دەرىجە باھالاش تەبئىيلا كۆپۈك بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر