باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارخانىلارنىڭ يىللىق پۇل تاپشۇرۇش يۇقىرى چېكى تۆۋەنلىتىلىشى مۇمكىن

2016.06.08 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «كارخانىلارنىڭ يىللىق پۇل تاپشۇرۇش بەلگىلىمىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى تەييارلىدى ھەم جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا كارخانىلارنىڭ يىللىق پۇلنى تاپشۇرۇش يۇقىرى چېكى تۆۋەنلىتىلدى.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا، كارخانىلار تاپشۇرىدىغان پۇل يۇقىرى چېكى كارخانا خىزمەتچىسىنىڭ ئالدىنقى يىللىق مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ «ئون ئىككىدىن بىرىنى تاپشۇرۇش»تىن «%8نى تاپشۇرۇش»قا تەڭشەلدى؛ كارخانا ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ شەخس تاپشۇرىدىغان سوممىسى يىغىندىسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ «ئالتىدىن بىرىنى تاپشۇرۇش»تىن «%12نى تاپشۇرۇش»قا تەڭشەلدى ھەم كونكرېت تاپشۇرۇش نىسبىتىنى كارخانىلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «كارخانىلارنىڭ يىللىق پۇل تاپشۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» 2004-يىل 5-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، 2015-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە كارخانىلارنىڭ يىللىق پۇل تاپشۇرۇش تۈزۈمىنى قۇرغان كارخانىلار 75 مىڭغا يەتتى، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان خىزمەتچىلەر 23 مىليون 170 مىڭ كىشىگە، فوندنىڭ جەمئىي قالدۇقى 952 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولدى. گەرچە يېتەرلىك تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بىراق بىر قەدەر چوڭ كارخانىلار خىزمەتچىلىرى ئومۇمىي سانىغا نىسبەتەن، يەنىلا بىر قەدەر چوڭ بولغان ئىلگىرىلەش بوشلۇقى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر