باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق: جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانلىرىنىڭ قويۇلۇش سالمىقى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ

2016.06.06 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جامائەت پاراۋانلىقى ئېلان تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاش، ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى»غا ئاساسەن، دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىشىپ، « جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلدى. «ۋاقىتلىق چارە»دە ھەر قايسى تۈردىكى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانىنى تارقىتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى ھەم تارقىتىش پائالىيىتىگە قارىتا كونكرېت بەلگىلىمىلەر تۈزۈلدى.

  رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى، ئاخبارات-نەشرىيات، كىنو-تېلېۋىزىيە تارماقلىرى بەلگىلەنگەن قېتىم سانى بويىچە، ھەر يۈرۈش پىروگراممىدا ھەر كۈنى جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانى قويىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، رادىيو ئىستانسىسىلىرى سائەت 6:00-8:00 ئارىلىقىدا، سائەت 11:00-13:00 ئارىلىقىدا، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى 19:00-21:00 ئارىلىقىدا قويۇش سانى باشقۇرۇش تارماقلىرى بەلگىلىگەن قېتىم سانىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر