باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا قوشۇمچە يوللاش مەملىكەت بويىچە كېڭەيتىلىدۇ

ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بىر ئايلىق مەركەزلىك تۈزەش ئارقىلىق، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دىلوسىدىن 106 مىڭنى، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىدىن 15 مىڭنى بىر تەرەپ قىلدى

2016.06.06 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 1- ئىيۇلدىن باشلاپ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، پىراۋىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق ئون تۈرلۈك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي جازا بېرىش قارارنامىسىگە يەنە سىياسىي قىياپىتى ۋە كەسپىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىش تۈرى قوشۇلىدىكەن. مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت باشقۇرۇش تارماقلىرى ئارىسىدا ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، قوشۇمچە بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىش ۋە ئىناۋەت گۇۋاھلىقى جەھەتتە ئالاقە باغلاشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش، ئېلىمىزنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، جايلاردىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ساقچى كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى مەركەزلىك تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرىغا تەخىرسىزلىك بىلەن زەربە بېرىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي قاتتىق جازالاپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دىلوسىدىن 106 مىڭنى، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوىسىدىن 15 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 2741 دېلو تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

  ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش سەۋەبىدىن قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان قېتىم سانى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم-ئايرىم %34.6، %45.5 چۈشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر