باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

10 دىن ئارتۇق ئۆلكە يان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

كۆپ قىسىم جايلار دېھقانلارنى ئۆي سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈردى

2016.05.19 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگرممىسى. نۆۋەتتە يان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن تەمىنلەش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ. ھازىر ھېچ بولمىغاندا شەندۇڭ، ئەنخۈي قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق ئۆلكە يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۇنىۋېرسال لايىھە ۋە مەخسۇس لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جايلارنىڭ لايىھەلىرىدە، « ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش، پىشاڭلىق رولىنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئاجىزلىقلارنى تولۇقلاش » تەك بەش چوڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، كۆپ قىسىم جايلار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، پىشاڭلىق رولىنى تۈگىتىش مەسىلىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنى ئۆي−زىمىن ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش تەدبىرىنى قوللاندى، جايلار يەنە «بىرلەشمە مۇشت» تەدبىرى ئارقىلىق كارخانا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، شۇنداقلا شۇ جاينىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە يېتەرسىزلىكىنى تەگىتىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، مەملىكەت بويىچە سېتىلىدىغان تاۋار ئۆي كۆلىمى 727 مىلىيون كۋادرات مېتىرغا يەتتى. ئۆي-زىمىن ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىشقا نىسبەتەن، كۆپ قىسىم جايلار لايىھە تۈزۈش جەريانىدا كونكرېت نىشاننى بېكىتتى.

  ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، جايلار لايىھەسىدە ئىجارىگە بېرىش بازارلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۆي سېتىۋىلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە، كۆپ قىسىم جايلار دېھقانلارنى ئۆي سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈردى ھەمدە بىر قاتار رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللاندى.

  ماددىي جەھەتتە، دېھقانلارنى ئۆي سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەندىن باشقا، قىسمەن رايونلار يەنە پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، جياڭسۇ ئۆلكىسى يېزا نوپۇسىنى شەھەرگە يۆتكىگەنلەر شەھەرگە كىرىپ يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋىلىش، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ، مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلار شۇ جاينىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەكتەپكە كىرىش سىياسىتى بويىچە پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر