باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2005-يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىدىن 1 مىليون 150 مىڭى تۇتۇلدى

2016.04.18 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 17-ئاپرېل دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە 2005-يىلى زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەت دىلوسىدىن 1 مىليوندىن ئارتۇقى پاش قىلىنىپ، 1 مىليون 150 مىڭ زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان، 751 توننا ھەر تۈرلۈك زەھەر قولغا چۈشكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، زەھەر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش تەسىرىدە، دۆلىتىمىزدە زەھەر داۋاملىق يامراپ، چېگرادىن ئۆتۈدىغان زەھەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىغان دۆلەتتىن زەھەر چېگرادىن ئۆتۈش ۋە ئىستېمال قىلىش تەڭ مەۋجۇد بولۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىغان دۆلەتكە ئايلانغان. بۇنىڭغا قارىتا جايلاردىكى ھەر قايسى تارماقلار مەنبەدىن تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېرىشنى چەكلەش، ياساشنى چەكلەش، سېتىشنى چەكلەش، چېكىشنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى تەڭ قوللىنىپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زەھەر چەكلەپ ئالدىنى ئېلىش، چېكىشنى چەكلەپ، زەھەر تاشلاتقۇزۇش، مەنبەدىن توسۇپ، ئېقىمنى كېسىش، زەھەرنى چەكلەپ، قاتتىق زەربە بېرىش، زەھەرنى چەكلەپ قاتتىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، زەھەر مەسىلىسىنىڭ تېز يامراش ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توستى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چېگرا سىرتىدىكى چوڭ زەھەر ئەتكەسچى كاتتىباشلىرىغا قارىتىلغان «مىق» ھەرىكىتى، زەھەر چەكلەش ئۇچۇر سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، سىرتقا ئاققان زەھەر ئەتكەسچىلىك گوروھى شايكىلىرىغا قارىتىلغان «ئاسماندا تور ھەرىكىتى»، سۈنئىي ھەمراھتا يىراقتىن سېزىپ ئۆلچەش قاتارلىقلارنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلغان «ئاسماندا كۆز زەھەر يوقىتىش» ھەرىكىتى، يۈز شەھەر زەھەر چەكلەش ئومۇمىي جېڭى ۋە توردا زەھەر تازىلاش قاتارلىق بىر يۈرۈش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم زور زەھەر ئەتكەس دىلولىرىنى پاش قىلدى. سىرتقا ئاققان زەھەر ئەتكەسچىلىرى ۋە ئالاھىدە توپلارغا چېتىشلىق زەھەر مەسلىلىرىگە بولغان بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدە پەقەت 2015-يىلدىلا سىرتقا ئاققان 38 مىڭ 900 زەھەر ئەتكەسچىسى تۇتۇلدى. سۈنئىي ھەمراھ يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، ئۇدا قانات يايدۇرۇلغان «ئاسماندا كۆز» يۈرۈشلۈك زەھەر يوقىتىش ھەركىتىدە بايقالغان قانۇنسىز تېرىلغان ئەپيۇنگۈلنىڭ ھەممىسى يوقىتىلىپ، مەملىكەت بويىچە چوڭ كۆلەمدە قانۇنسىز تېرىلغان زەھەر ئۆسۈملۈكلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش نىشانى داۋاملىق ئورۇندالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر