باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-مايدىن باشلاپ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كاماندىروپكا ياتاق پۇلى يېڭى ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ

يېڭى ئۆلچەم ۋىلايەت – شەھەرلەرگىچە تەپسىلىيلەشتۈرۈلگەن

2016.04.15 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كاماندىروپكا ياتاق پۇلى ئۆلچىمىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ( مالىيە [ 2015 ] 497 - نومۇرلۇق ) دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە مەركىزى، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەرگە كاماندىروپكىغا چىققاندا، مالىيە مىنىستىرلىقى تۈزۈپ چىققان ياتاق ھەققى يۇقىرى ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدىكەن؛ ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەرگە كاماندىروپكىغا چىققاندا، يەرلىك مالىيە تارماقلىرى تۈزگەن ياتاق ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدىكەن. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جايلاردىكى مالىيە تارماقلىرى كاماندىروپكا ياتاق پۇلى ئۆلچىمىنى ئاللىقاچان ۋىلايەت – شەھەرلەرگىچە تەپسىلىيلەشتۈرگەن. ئىجرا قىلىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەرنى رەتلەپ بولغاندىن كېيىن، «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ جايلاردىكى كاماندىروپكا ياتاق پۇلى ئۆلچىمى تەپسىلىي جەدۋىلى»نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر