باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسى بىلەن دۇنيا بانكىسى بىرلەشمە مەبلەغ كىرگۈزۈش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

2016.04.14 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن لىچۈن (سولدا) 13-ئاپرېل ۋاشىنگتوندا دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن يوڭ بىلەن تۇنجى بىرلەشمە مەبلەغ كىرگۈزۈش رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ يىللىق ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئاساس سالدى.

  دۇنيا بانكىسى شۇ كۈنى بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ كېلىشىم ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرى ئۈچۈن بىرلەشمە مەبلەغ كىرگۈزۈشنى تەخمىنىي سومما سانى بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئاساس سالدى، دېدى.

  دۇنيا بانكىسى بىلەن ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسى نۆۋەتتە 12 بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئۈستىدە كېڭەشمەكتە. بۇ تۈرلەر ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ قاتناش، سۇ ئىنشائات، ئېنېرگىيە قاتارلىق تۈرلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن دۇنيا بانكىسى ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ مەبلەغ سالىدىغان تۈرلەر ئۈچۈن سېتىۋېلىش، مۇھىت ئاسراش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى تەييارلىق ۋە نازارەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسى بۇ يىل تەرەققىيات تۈرلىرىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدىغان 1 مىليارد 200 مىليون دوللار مەبلەغ تەستىقلايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا بانكىسى قاتناشقان بىرلەشمە تۈرلەر ناھايىتى كۆپ بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر