باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2016-يىلىدىن 2050-يىلغىچە)نى بېسىپ تارقاتتى

2016.04.12 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 11-ئاپرېل «جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2016-يىلىدىن 2050-يىلغىچە) توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، بۇ جۇڭگو پۇتبولچىلىقى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ۋاقىت بۆلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  يىرىك پىلاننىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2016-يىلىدىن 2050-يىلغىچە)

  ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز راۋاجلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى كۈندىن-كۈنگە ئاشتى. ھازىر، ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، پۇتبولچىلىقنى جانلاندۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش مەملىكەت خەلقىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى، بۇ ئاممىنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقى ۋە مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت بىلەن تەربىيەلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇ تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى» ۋە «جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئىسلاھات-تەرەققىيات ئومۇمىي لايىھەسى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ داۋاملىق ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللىشى بىلەن بۇ يىرىك پىلان تۈزۈلدى. يىرىك پىلان يېقىن مەزگىلدە 2020-يىلىغىچە، ئوتتۇرا مەزگىلدە 20130-يىلىغىچە، ئۇزاق مەزگىلدە 20150-يىلىغىچە نەزەر سېلىنىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر