باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈت باھالاش يېڭى ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى

بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سۈتكە چىرىشتىن ساقلاش خۇرۇچى قوشۇش قىلمىشى قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ

2016.04.01 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە: يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن « پاستېرىزاتور سۈت ۋە UHT چىرىشتىن ساقلاش خۇرۇچى قوشۇلغان سۈتنى باھالاش» ئۆلچىمى (تۆۋەندە قىسقارتىپ « ئۆلچەم»)نى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2016-يىلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇ « ئۆلچەم»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئېلىمىزنىڭ چىرىشتىن ساقلاش خۇرۇچى قوشۇلغان سۈتكە قويۇلىدىغان ئۆلچەمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چىرىشتىن ساقلاش خۇرۇچى قوشۇلغان سۈتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىلمىي پاكىت بىلەن تەمىنلەش، ئىستېمالچىلارنىڭ بىلىش ھوقۇقىنى قوغداپ، سۈتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن .

  چىرىشتىن ساقلاش خۇرۇچى قوشۇلغان سۈت ساپ سۈتنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا باكتېرىيەلەرنى يوقۇتۇش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان سۈت پاراشوكى بولۇپ، يەنە بەلگىلىك نىسبەتتە سۇ ياكى سۈت قوشۇپ سۈتكە ئايلاندۇرۇلغان سۈت مەھسۇلاتىنى كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر