باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى 93 بايان تور ئەھلىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئۇيغۇنلاشتى

2016.04.01 13:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىلقى «زۇڭلىغا دەيدىغان بىر ئېغىز سۆزۈم بار» تېمىسىدىكى تور ئەھلىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى توپلاش پائالىيىتىدە، 31-يانۋاردىن 15-مارتقىچە، تور ئەھلىنىڭ 183 مىڭ 427 تەۋسىيەسى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 104 مىڭ 120سى كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 1503 سۈپەتلىك تەۋسىيە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا ئون تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەۋەتىلىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالى ۋە ئەلرايى زۇڭلىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلگەن. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ 93 جايىدىكى كونكرېت خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايان تور ئەھلىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە يۈكسەك ئۇيغۇنلاشقان.

  تەۋسىيە توپلاش پائالىيىتى دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەردە تور ئەھلىنىڭ يۈكسەك دېىققىتىنى تارتتى، بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، خېبېي قاتارلىق ئون ئۆلكە، شەھەردىكى تور ئەھلى زىيارەت قىلغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ ٪99.1ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، پائالىيەت يەنە 26 دۆلەتتىكى تور ئەھلىنى سۆز قالدۇرۇشقا جەلىپ قىلغان، ئۇلار ئاساسلىقى ياپونىيە، ئامېرىكا، سىنگاپور، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ تور ئەھلى ئىكەن. تور ئەھلى قالدۇرغان سۆزلەر ئاساسلىقى مائارىپ ئادىللىقى، چىرىكلىشىشنى توسۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر