- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەركىن ئىمىرباقى قاتاردا زىيارەتتە بولدى
2016.04.01 10:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتار دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو-ئەرەب دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى 29-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە قاتاردا زىيارەتتە بولدى. قاتار ئەمرى ( دۆلەت باشلىقى) Tamim bin Hamad Al Thani، مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد مۇبارەك خۇلەيفې ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە « جۇڭگو -قاتار دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە قاتار-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى مۇددىئانامىسى»نى ئىمزالىدى.
ئەركىن ئىمىرباقى جۇڭگونىڭ قاتار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەلئارا ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىن ئەھۋالى ۋە « 13 - بەش يىللىق » پىلان پىروگراممىسىنى تونۇشتۇردى.
تەمىم « بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئاستىدا جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇھەممەد ئىككى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئالاقىسىنى ۋە ئەلئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر