باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ: ئاپتوموبىلنىڭ ئاخىرقى نومۇرى بويىچە يولغا چىقىش تەدبىرى يەنە بىر يىل داۋاملىشىدۇ

2016.03.31 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ قېتىملىق ئاپتوموبىلنىڭ ئاخىرقى نومۇرى بويىچە يولغا چىقىش تەدبىرىنىڭ ۋاقتى پات ئارىدا توشىدۇ. تۈنۈگۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتوموبىلنىڭ ئاخىرقى نومۇرى بويىچە يولغا چىقىش ئەڭ يېڭى تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئاخىرقى نومۇرى بويىچە يولغا چىقىش تەدبىرىنى يەنە بىر يىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يېڭى ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمىدە، 2016-يىلى 11-ئاپرېلدىن 2017-يىلى 9-ئاپرېلغىچە، خىزمەت كۈنى سائەت 7دىن 20 غىچە، بەشىنچى ئاللانما ئىچىدىكى يوللاردا، ئاپتوموبىللار ئاخىرقى نومۇرى بويىچە يولغا چىقىدۇ. يولغا چىقىش ئاخىرقى نومۇرى ئۆزگەرمەيدۇ، يەنىلا « 1 بىلەن 6» «2 بىلەن 7» «3 بىلەن 8» « 4 بىلەن 9» «5 بىلەن 0» بولىدۇ، ھەر 13 ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆزگىرىدۇ. ساپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەلىك كىچىك ئاپتوبۇسنىڭ يولغا چىقىشى چەكلەنمەيدۇ.

  بۇ يىل 11-ئاپرېلدىن 10-ئىيۇلغىچە، دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە يولغا چىقىشقا بولىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئاخىرقى نومۇرى تۆۋەندىكىچە: 2 ۋە 7، 3 ۋە 8، 4 ۋە 9، 5 ۋە 0، 1 ۋە 6 بولىدۇ.

  بېيجىڭدا ئاپتوموبىلنىڭ ئاخىرقى نومۇرى بويىچە يولغا چىقىش تەدبىرى ھۆكۈمەت ئىزچىل قوللىنىۋاتقان ۋاقىتلىق تەدبىر بولۇپ، بۇ بېيجىڭدا ئاپتوموبىلنىڭ ئاخىرقى نومۇرى بويىچە يولغا چىقىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىم ئۇزارتىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل ئىككى يىغىندا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى شىشىياڭ ئاپتوموبىل ئىشلىتىشنى ئازايتىش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىپ كۈچەيتىشنى، ئاخىرقى نومۇر بويىچە يولغا چىقىشنى قانۇن شەكلىدە مۇھىم ئىش سۈپىتىدە تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر