باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈندىدار توپىنى «پارتلىتىش» قىلمىشلىرى جازالىنىدۇ

2016.03.31 10:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈندىدار توپىنى يامان نىيەتتە «پارتلىتىپ»، يان تېلېفون ئىقتىدارىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويۇش قىلمىشلىرى يېقىنقى كۈنلەردە دائىم يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۈندىدار توپى «پارتلىتىلغان» بىر قىسىم تورداشلار يان تېلېفونىدىكى ئۈندىدار يۇمشاق دېتالىنىڭ تۇيۇقسىز قېتىپ قالغان ياكى گۇمران بولغانلىقىنى، تېلېفوننىڭ زىيادە قىزىپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆزلىكىدىن ئېتىلىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ھەتتا بەزىلەر پۇل تەلەپ قىلىنغان، بولمىسا توپنى بىۋاسىتە «پارتلىتىش» ئارقىلىق ئۈندىدارنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇدىغانلىق تەھدىتىگە ئۇچرىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «توپنى پارتلىتىش»نىڭ پىرىنسىپى كود يۇمشاق دېتالى ياكى قول بىلەن زور مىقداردىكى ئەخلەتلەرنى ئۈندىدار توپىغا يوللاپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ مىقداردا ئۇچۇر بايلىقىنى قويۇپ بېرىپ، يان تېلېفون بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ يۈكىنى چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش مەقسىتىگە يېتىپ، ئېكران قېتىش ياكى يۇمشاق دېتال ۋەيران بولۇش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىكەن. يېقىندا ئۈندىدار ئەترىتى بۇ ھەرىكەتنى تۈزەش ئېلىپ بېرىپ، 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە ئۈندىدار تەرەپ «توپ پارتلىتىش» ئۇچۇرى تارقىتىشقا چېتىشلىق 3826 ئۈندىدار نومۇرىنى بىر تەرەپ قىلدى. ئۈندىدار ئەترىتى «توپ پارتلىتىش»قا ئۇچرىغاندا ھودۇقماسلىقنى ئەسكەرتتى ھەم تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى كۆرسەتتى:

  ۋاقتىنچە تورنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۈندىدارنى قايتا قوزغىتىپ، ئۈندىداردىكى ئۇچۇر تىزىملىكىدىن بۇ توپنىڭ ئىسمىنى ئۇزۇن بېسىپ ياكى سول تەرەپكە سىيرىپ، «بۇ پاراڭنى ئۆچۈرۈش» دېگەن خەتنى باسسا، بۇ توپتىكى يوللانغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى (توپ پارتلاتقان ئۇچۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۆچۈرۈلىدۇ.

  ئۈندىدار كومپيۇتېر نۇسخىسىغا چىقىپ، يېڭى «توپنى پارتلىتىش» ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۈش ياكى توپتىن چىقىرىۋېتىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بېرىشقا ھەم ۋاقتىدا ئۈندىدار توپى باشلىقىغا «توپنى پارتلىتىش» ئۇچۇرىنى ئەۋەتكۈچىنى توپتىن چىقىرىۋېتىشنى ئۇقتۇرۇپ، باشقا ئابونتلارنىڭمۇ «توپنى پارتلىتىش» ئۇچۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر