باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېنياڭ شەھىرى ئۆي-زېمىن كەسپىدە يېڭى سىياسەت ئوتتۇرىغا قويدى

ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆي سېتىۋالسا، ھەر كىۋادرات مېتىرىغا 200 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىپ، يەر خېتى بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2016.03.29 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-مارت، شېنياڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئېلان قىلغان « ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى ( سىناق نۇسخا ) »نىڭ 22-ماددىسىدا تەدبىر قوللىنىپ، سېتىلماي قالغان ئۆيلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، شېنياڭدا ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى شەھەردە قېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  پىكىرگە ئاساسەن، شېنياڭدا ئۆي سېتىۋېلىش يەر خېتى بېجىنىڭ 1% دىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمىغا مالىيەدىن قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى قەرز پۇلى جەھەتتە، تۇنجى قېتىم جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلغاندا، ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نىسبىتى 10% بولىدۇ؛ ئائىلە ياكى شەخسىينىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا قەرز پۇل ئېلىپ، ئىككى يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشتا ئالدىن تۆلەيدىغان ئەڭ تۆۋەن قەرز پۇلىنىڭ نىسبىتى % 20 بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى قەرز پۇل سوممىسى بىر كىشىگە 500 مىڭ يۈەن، ئىككى كىشىگە 700 مىڭ يۈەن، ئۈچ كىشىگە 900 مىڭ يۈەنگىچە ئۆستۈرۈپ بېرىلىدۇ. ئاساسىي قەرز ئالغۇچى ئاتا-ئانىسى ياكى پەرزەنتلىرى بىلەن ئۆز ئارا تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئىشلىتىپ قەرز ئېلىپ، ئۆز ئارا تۇرالغۇ جامائەت فوندى ھېسابىدىكى قالدۇقى بىلەن قەرز پۇلىنى قايتۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر