- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش لايىھەسى» نى تارقاتتى
2016.03.28 16:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش لايىھەسى» نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، رايونلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
«پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نىڭ تولۇق نۇسخىسىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە.
پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق تەشكىلاتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم كۈچ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلاتىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا خىزىمەتچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن پەن-تېخنىكا خىزنەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلىك ۋە ۋاسىتىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇمۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشىكلات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى» نىڭ تەلىپى بويىچە، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر