باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە 900مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيە-يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا قاتنىشىدۇ

2016.03.10 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كومېتىت باشلىقى جاڭ دېجياڭ 9-مارت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە، 2016-يىلدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيە-يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئارقا ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى، 900مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى سايلامغا قاتنىشىپ، ئىككى مىليون 500مىڭدىن كۆپرەك ناھىيە-يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى بىۋاستە سايلاپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  دوكلاتتا، بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش ئىكەنلىكى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەلىك سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ بىر قېتىملىق مۇھىم ئەمەلىيىتى ئىكەنلىكى ئېيتىلدى.

  دوكلاتتا: «بىز مەخسۇس تەكشۈرۈش-تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئەمەلىيەت تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، كەڭ پىكىر ئېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەككىلىرىنى سايلاش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، مەملىكەت بويىچە ناھىيە-يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى يېتەكچى ھۆججەتنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى»، دېيىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر