باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەت ئەزالار پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلدى

2016.03.09 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرى 9-ماي پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلدى. ئەزالار ئومۇمىيۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل بېكىتىلمەكچى بولغان بۇ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى، مالىيە خامچوت لايىھەسى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا گەۋدىلىنىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نىشان، ۋەزىپە، تەدبىرلەر تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ.

  ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا ئەزالار تۆۋەندىكى كونكرت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بۇھەجەر ئابلا مۇنداق دېدى:ھەقىقەتەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغانغا ئوخشاش دۆلىتىمىز بارلىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىيات پىلانىدا كەم جايلارنى تولۇقلاشنى بۇ يىللىق خىزمەت پىلانى ۋە 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىنىڭ مۇھىم تەرىپى قىلىش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ تولۇقلاشقا تېگىشلىك كەم جايلىرى قايسى؟ ئۇ بولسىمۇ مىللىي رايونلار ، ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونلاربىلەن شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى. يەنە بىرى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قىلىشى. گەرچە 2016-يىللىق پىلان ۋە خامچوت دوكلاتىدا بەلگىلىك ئەھمىيەت بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلسا.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى فۇ يىڭ ئېلىمىزنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: غەربىي رايوندىكى ئۆلكە ،ئاپتونوم رايونلارنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى شەرقىي رايونلاردىن يۇقىرى.بۇنىڭغا قارىتا ئۇ مۇنداق دېدى: غەربىي رايونلارغا يۈكلەنگەن دۆلەتنىڭ ئېكىلوگىلىك يۈكى خېلىلا يۇقىرى. بۇ رايونلارنىڭ كېيىن تەرەققىي قىلىش ئۈستۈنلىكى زور. كەلگۈسىدە كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى يۇقىرىلىشىدىن ئىلگىرى ،بۇ رايونلارنىڭ يېشىل كەسپىنى قانداق قىلىپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر