باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل ۋە ئەزالار جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيە ئەمەلىيىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى ماختىدى

2016.03.09 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيىسى تىرىشىپ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى جيا چىڭگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە قارىشى ۋە تەشەببۇسىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر. مول "جۇڭگو ئامىلىغا" ئىگە، مەسىلەن: ئىناق، سەمىمىي بولۇش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، توغرا ھەققانىيەت مەنپئەت قارىشى قاتارلىقلار جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

  يەنە يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتىن كېيىن، يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنى خاڭجۇدا ئۆتكۈزىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خاڭجۇ شەھىرىنىڭ باشلىقى جاڭ خۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پائال تەييارلىق كۆرمەكتە، يېشىل تاغ دەريا، كۆك ئاسمان ، ساپ ھاۋا- خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا نامايەن قىلىدىغان ئارقا كۆرىنىش.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سەنشى رەڭلىك مېتال پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىچكى قۇرۇقلۇق يۆنىلىشىدە، شىركىتىمىز تاجىكستاندا ئالتۇن كان قېزىش كارخانىسى قۇردى، 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى بويىدىكى ھىندىنوزىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان سانائەت باغچا رايونىدىمۇ قۇرۇلۇش باشلاندى.

  ئىلگىرى دىپلوماتىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى سەيۋۇ مۇنداق دېدى: بۇ قاراشلار جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيانىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە ماسلاشقان ھالدا چىقىرىلغان تارىخىي تاللاش، دۇنيا خەلقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمەكتە ھەمدە كەڭ ئىجابىي ئىنكاسقا ئېرىشتى.

  جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئاشماقتا، خۇددى ماگىنتقا ئوخشاش چەتئەلدە ئوقۇغانلارنى جەلپ قىلماقتا. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ياۋروپا ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېڭ جۇڭخەننىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى ئىنتايىن چوڭقۇر ئۇ مۇنداق دېدى: "ئەتراپىمدا نۇرغۇن چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان پەن تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى بار، ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى تەرىپىدىن جەلپ قىلىنىپ، كەينى كەينىدىن ۋەتەنگە قايتىپ پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا ئاتلىنىپ، ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇپ، پەن تېخنىكىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئېلىپ كەلمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر