باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېن شياۋگۇاڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى

تەكلىپ بېجىرىش، جاۋاب بېرىش نىسبىتى %99.5 كە يېتىپ، %20 تى ھەل قىلىندى ياكى قوللىنىلدى

2016.03.04 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە مەخسۇس كومىتېتلار، ئىقتىسادنى تەكشى، تېزرەك راۋاجلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىناقلىقنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەكلىپ ئارقىلىق فۇنكسىيەسىنى پائال ئادا قىلىپ، جەمئىي 6012 پارچە تەكلىپ سۇندى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 5027 دېلو تۇرغۇزدى، 828 «تەكلىپ-پىكىر» نى تاپشۇرۇپ، 97 دېلونى بىرلەشتۈرۈپ، 60 دېلونى بىكار قىلدى. 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، %99.5 تەكلىپنى بېجىردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن شياۋگۇاڭ 3-مارت چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بېجىرىلىپ جاۋاب بېرىلگەن تەكلىپلەر ئىچىدە، ھەل قىلىنغان ۋە قوللىنىلغان تەكلىپ %19.5 نى ئىگىلەيدۇ، ھەل قىلىنىدىغان ياكى قوللىنىلىدىغان تەكلىپ %64.4 نى ئىگىلەيدۇ، پايدىلىنىلىدىغىنى %16.1 نى ئىگىلەيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر